باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

زۇڭتۇڭ سايلىمى سۇرىيەنى نەگە ئېلىپ بارىدۇ؟ [2]

2014.05.13 18:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى سايلام ئۈچۈن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. سۇرىيە كىرىزىسى ھازىرغىچە داۋاملاشقانلىقتىن، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش مەيدانى ۋە سۆھبەت ئۈستىلىدە تىركىشىش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى. سۇرىيە ھۆكۈمىتى چوڭ سايلامنىڭ بىر قوزغاتقۇچقا ئايلىنىپ، ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  تەھلىلچىلەر سۇرىيە ھۆكۈمىتى چوڭ سايلام ئارقىلىق، سۇرىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا سۇرىيەنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى ۋە نوپۇسىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆز كونتروللىقىدىكى جايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى بار شۇنداقلا ئۆكتىچىلەرنىڭ باشارنى تەختتىن چۈشۈرۈش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى قاندۇرمايمىز دېگەندىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئۇچۇرنى چىقارماقچى دەپ قارىدى.

  گەرچە سۇرىيە ھۆكۈمىتى چوڭ سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تېرىشىپ كاپالەتلىك قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۆكتىچىلەرنىڭ يەنىلا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى كونتروللىقىدىكى جايلاردا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئىقتىدارى بار. بولۇپمۇ بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا چوڭ سايلام تەرتىپى باشلانغاندىن كېيىن، ئۆكتىچىلەر سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىدىكى جايلارغا بولغان ھۇجۇمنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى.

  سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى خاما ئۆلكىسىنىڭ ئىككى بازىرىدا 2-ماي ماشىنا بومبا پارتلاپ، 18 ئادەم قازا قىلدى. 29-ئاپرېل ھۇمۇستىكى ھۆكۈمەت كونتروللىقىدىكى جايدا ماشىنا بومبا پارتلاپ، 36 ئادەم قازا قىلدى.

  سۇرىيە ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەتىرى مەۋجۇت بولغانلىقتىن، بۇ قېتىمقى چوڭ سايلامدا، ھۇجۇم پەيدا قىلىدىغان ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ئېھتىماللىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نامزاتلار كۆپ يىغىلىش ئۆتكۈزمەسلىكى ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا رىقابەت نۇتقى سۆزلىمەسلىكى مۇمكىن دېدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىمۇ يېقىنقى مەزگىلدە نۇرغۇن جايلاردا ھۇجۇم قوزغاپ، ھۆكۈمەت كونتروللىقىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىك چەمبىرى ھاسىل قىلىشقا تېرىشتى. بىراق، كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ئامانلىق ساقلاش ھالىتىنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇش تەس دەپ قارىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە يېڭىدىن ئىگىلىگەن جايلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۆز كونتروللىقىدىكى باشقا جايلاردىن قوشۇن يۆتكەپ، ئەسلىدىكى كونترول رايونلىرىنىڭ مۇداپىئەسى ئاجىزلىشىپ قالغان. بۇ-بۇندىن كېيىن ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  سۇرىيەنىڭ ئىچى، تېشىدىكى ئۆكتىچىلەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بىر-بىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقى چىڭ ئەمەس، لېكىن بۇ گۇرۇھلارنىڭ چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىك ھەققىدىكى مەيدانى بىردەك بولۇپ، ھەممىسى سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، باشارنى تەختتىن چۈشۈرۈش-ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەلىپىگە ئايلاندى، ھالبۇكى چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش-سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن تەلەپنى رەت قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولدى.

  تەھلىلچىلەر سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنىڭ چوڭ سايلامغا بولغان ئىپادىسىنى تولۇق مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇردى، بۇ-مەلۇم دەرىجىدە دائىرىلەرنىڭ سۆزلىشىش ئارقىلىق، سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈمىدىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ قارىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر