باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئافرىقا ئورتاق غەلبىسى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى نەدە؟

2014.05.13 18:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىفوپىيەۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى باش ئورگىنى، نېگىرىيە، ئانگۇلا، كىنىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى تولۇق مۇۋاپپەقيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغان ھەمدە نېگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا باشلىقلار يىغىنى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، 12-ماي چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلاندا بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

  لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىم ئافرىقىغا قىلغان زىيارىتى مول مەزمۇنلۇق بولدى، بۇ ئۇنىڭ زۇڭلى بولغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ئافرىقىدا زىيارەتتە بولۇشى شۇنداقلا جۇڭگو ئافرىقا دوستلۇقى نەچچە ئون يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنكى بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك سەپىرى، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئورتاق غەلبە قىلىش ھەمكارلىقى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىل زۇڭلى جۇ ئېنلەي تۇنجى قېتىم ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، يېرىم ئەسىردىكى بوران چاپقۇندا دۇنيا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ

  خەلقئارا سەھنىدىكى ئورنىنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشىگە شاھىد بولدى.

  نەچچە ئون يىللىق يېقىن مۇستەھكەم ھەمكارلىق ئاساسى ۋە جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئۆزئارا بىر بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ يۈزلىنىشنى ئاشۇردى، بۇ قېتىمقى زىيارەت داۋامىدا زۇڭلى لى كېچياڭ جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش پىلانىنى دەل ۋاقىتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك ئالقىشى ۋە يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى.

  بۇ قېتىم ئافرىقىغا قىلىنغان سەپەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا راستچىل، ئەمەلىي، يېقىن بولۇش قارىشىنىڭ يەنە بىر قېتىم مۇۋاپپەقيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلىشى بولدى، ئافرىقا ئىتتىپاقى باش ئورگىنىدا لى كېچياڭ كەسىپ، پۇل مۇئاملە، نامراتلىقنى ئازايتىش، ئېكولوگيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە تىنچلىق بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىششىنىڭ ئالتە چوڭ قۇرۇلۇشىنى تەكىتلىدى، بۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەلىپىگە تازا ماس كەلدى، ئۇ ئېفوپىيەدە كۆزىگە ئاق چۈشۈپ داۋالىنىپ ئەسلىگە كەلگەن بىمارنىڭ كۆزىدىكى تېڭىقنى ئېلىپ تاشلاپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قېرىنداشلارچە مۇھاببىتىنى نامايەن قىلدى، 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا باشلىقلار ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇ ئافرىقا ئۇل ئەسلھە ئۈچ چوڭ تورىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىىشىغا ئېرىشتى، ئۇ ئانگۇلادا جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرۇپ بەرگەن داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىنى ئافرىقا بىمارلىرىنىڭ ئازاپ ئوقۇبىتىنى چىن يۈرىكىدىن چۈشۈنۈشكە ئىلھاملاندۇردى، كىنىيەدە ئۇ نايروبى دۆلەت باغچىسىدا پىل چىشى خاتىرە سارىيىدا كۈجە كۆيدۈرۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كىنىيەنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

  بۇ قېتىمقى ئافرىقا سەپىرىدە جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىقىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن قۇدرەت تېپىش، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئافرىقا ئارزۇسى تېخىمۇ يېقىنلاشتى، بىرسى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، يەنە بىرسى دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق، يەر شارىلاشقان تەرەققىيات ۋە خەلقئارا قېلىپتىكى ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى ئافرىقا سەپىرى ئافرىقىلىق شېرىكلەر ئۈچۈن نۇرغۇن تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، ئېفوپىيە زۇڭلىسى ھەيىلمارىيام مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توساقلارنى بۇزۇپ تاشلىشىغا ياردەم بېرىپ كەلدى، ئەگەر ئافرىقا كەلگۈسىدە جۇڭگو ئافرىقا كەسپى ھەمكارلىقىدىكى يېڭى پۇرسەتنى تۇتالىسا بۇ ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى چوقۇم ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  461ھەمكارلىق رامكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئافرىقىنىڭ سىڭدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگۈچە، يەنە ئافرىقا ئېھتىياجى، ئافرىقا قوشۇلۇشى ۋە قاتنىشىشى ھەمكارلىق پىرىنسپىنى تەكىتلىگەنگە قەدەر زۇڭلى لى كېچياڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئافرىقىغا قارىتىلغان بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر دۇنياغا سەمىمىي، ئېچىۋېتىلگەن، جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قاراتقان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئورتاق تارىخىي پۇرسەت، ئىستراتېگيەلىك مەنپەئەت، روھىي تەلپۈنۈش جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك چوڭقۇر يىلىتىزىنى شەكىللەندۈرگەن، بۈگۈنكى كۈندە ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن جۇڭگو ئافرىقا دوستلۇق ھەمكارلىق كېمىسى تېخىمۇ كەڭ دوستلۇق دېڭىزىدە دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر