باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيى ئۇددا 5-قېتىم جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلدى

2014.05.13 19:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەقىل سايلام كومىتېتى 10-ماي پارلامېنت سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيى ئۇددا 5-قېتىم جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋاز نىسبىتى باشقا رەقىبلەردىن كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بۇ پارتىيە 1994-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سايلىمىغا قاتناشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئاز ئاۋازغا ئېرىشتى. بۇ ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كەلگۈسىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يولىدا تېخىمۇ كۆپ خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  1994-يىلى ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيى جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىرقى ئايرىمچىلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. گەرچە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى 1- قارا تەنلىك پرېزىدېنت، ئىرقى ئايرىمىچىلىققا قارشى پالۋان ماندېللا قازا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پارتىيە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تەخمىنەن %80 قارا تەڭلىك نوپۇس ئىچىدىكى تەسىر كۈچى يەنىلا ئاسانلىقچە ئاجىزلىمايدۇ.

  ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، باشتىن ئاخىر تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، بولۇپمۇ تۆۋەن قاتلامدىكى قارا تەڭلىكلەرنىڭ مەنپەئەتنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. بۇنى بۇندىن 20 يىل بۇرۇنقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جەنۇبىي ئافرىقا ھازىر ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، ھەرقايسى ئىرقتىكىلەر ياراشتى، ۋەزىيەت مۇقىملاشتى، قارا تەنلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلاندى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  20 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ كۈچىدە چوڭ پەرق بولغانلىقتىن، بۇ قېتىمقى سايلامدا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغىنى ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبە قىلىش قىلماسلىقى ئەمەس، بەلكى ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ ئاۋاز بېرىش نىسبىتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر