باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

زۇڭتۇڭ سايلىمى سۇرىيەنى نەگە ئېلىپ بارىدۇ؟

2014.05.13 18:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 10-ماي زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ ئاخىرقى ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 11-ماي رەسمىي باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەھلىلچىلەر سۇرىيە كىرىزىسى قاتمال ھالەتتە تۇرۇۋاتقان پەيتتە، چوڭ سايلام مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلسە، سۇرىيە دائىرىلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ، بىراق چوڭ سايلام سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىدىكى ئىختىلاپىنى يەنىمۇ زورايتىۋەتتى، بۇندىن كېيىن سىياسىي يول ئارقىلىق سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈمىدى بارغانسېرى كىچىكلەپ كەتتى دەپ قارىدى.

  سۇرىيە ھۆكۈمىتى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ئۇچۇرىنى چىقىرىپ، 22-ئاپرېلدىن تارتىپ نامزاتلارنى تىزىملاشقا باشلىدى، 10-مايغا كەلگەندە ئاخىرقى ئىسىملىكنى ئېلان قىلدى، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، چوڭ سايلامنى تەدرىجىي تەسەۋۋۇردىن رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

  ئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، جەمئىي 24 ئادەم زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان جىنس، مىللەت ۋە دىنىي ئېتىقادتىكى كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دەسلەپكى سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 4-ماي سۇرىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد، پارلامېنت ئەزاسى ھازار، سابىق ھۆكۈمەت مىنىستىرى نۇرىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىن، ئالتە ئىلتىماس قىلغۇچى ئەرز سۇندى، ئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن 10-ماي ئەسلىدىكى قارارنى ساقلاپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر