باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراھ تەشكىلاتى ئايروپىلاننى ھەقسىز ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىدۇ

2014.05.13 18:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراھ تەشكىلاتى 12-ماي: سۈنئىي ھەمراھىمىز ئارقىلىق خەلقئارا خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتى دۇنيا ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئايروپىلاننى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ دەپ جاكارلىدى.

  خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراھ تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئەسۋابلىرى قاچىلانغان ئايروپىلان دۇنيا سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۆز ئورنىنى بېكىتەلەيدۇ، ئاندىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ھەر 15 مىنۇتتا بىر قېتىملىق چاستوتا ئارقىلىق يەر يۈزىگە ئايروپىلاننىڭ كونكرېت ئورنى، يۆنىلىشى ۋە ئېگىزلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۇنيا بويىچە 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق كەڭ ئايروپىلانغا خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراھ تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئەسۋابلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ ھەقسىز مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە بۇ تەشكىلاتقا ھەر يىلى تەخمىنەن ئۈچ مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەننەرخ پەيدا قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر