باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇبتا ھۆلچىلىك بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى

2014.05.13 18:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 12-ماي سائەت سەككىزگىچە، جەنۇبتىكى كەلكۈن، بوران، مۆلدۈر سەۋەبىدىن جياڭشى، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، گۈيجۇ قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ 23 شەھەر، 77 ناھىيە، شەھەر، رايونىدا بىر مىليون 216 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئۈچ ئادەم ئاپەتتە قازا قىلغان، 29 مىڭ ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ 1500 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلگەن، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 930 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن سەۋەبىدىن، گۇاڭجۇ-شېنجېن-شياڭگاڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ گۇاڭجۇدىن شېنجېنغىچە بولغان بۆلىكىدىكى بارلىق چاقماق پويىزلار ۋاقىتلىق توختىغان. 12-ماي سائەت 14 تىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، خەتەرلىك ئەھۋاللار تۈگىتىلگەندىن كېيىن، بۇ بۆلەكتىكى چاقماق پويىزلارنىڭ قاتنىشى نورماللاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر