باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆز يۇرتلىرىدا ئىشلەيدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر كۆپەيدى

2014.05.13 18:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 2013-يىللىق دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2013-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 268 مىليون 940 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئالتە مىليون 330 مىڭى كۆپىيىپ، %2.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن دېھقان ئىشلەمچى %1.7، ئۆز يۇرتلىرىدا ئىشلىگەن دېھقان ئىشلەمچى %3.6 ئاشقان.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۇرۇشلۇق نوپۇسنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى مەخسۇس تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جۈنشيوڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپىيىشىدە مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىك بارلىققا كەلدى: بىرىنچى، ئۆز يۇرتلىرىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپىيىشى مەيلى سان، مەيلى سۈرئەت جەھەتتىن بولسۇن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەردىن كۆپ بولدى؛ ئىككىنچى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق ئاستىلاشقا باشلىدى. بۇ-ئوتتۇرا، غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىدا يۆتكىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلەشكەنلىكى شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ يۇقىرى چەككە يېتىشىگە ئەگىشىپ، يېزىلاردىن يۆتكەلگەن نوپۇس شەھەر-بازارلاردا تېخىمۇ كۆپ ماكانلىشىپ، يېزىلاردىكى ئېشىندى ئەمگەكچى تەمىناتىدا پات ئارىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايلىق كىرىم سەۋىيەسى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئاشتى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: دېھقان ئىشلەمچىلەر مائاشىنىڭ داۋاملىق تېز ئۆرلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى-ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىدە، 2013-يىلى 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆستۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئېلىمىزنىڭ ئەمگەكچى بازىرىدىكى تەمىنات-تەلەپ مۇناسىۋىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، شەھەر تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ تېز ئۆرلىشى قاتارلىق رېئال ئەھۋالنى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر