- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ھوللاندى: فرانسىيەنىڭ رۇسىيەگە ئىككى ھۇجۇمچى پاراخوت سېتىپ بېرىش توختامى يەنىلا كۈچكە ئىگە
2014.05.12 21:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى 10-ماي گېرمانىيەنىڭ سومالىدىكى سىترالىسوندا مۇنداق دېدى: فرانسىيەنىڭ بۇندىن ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن ئىمزالىغان رۇسىيىگە غەربىي شىمال شامىلى ناملىق ئىككى ھۇجۇمچى پاراخوت سېتىپ بېرىش توختامى يەنىلا كۈچكە ئىگە.
ھوللاندى مۇنداق دېدى: بۇ توختام 2011-يىلى ئىمزالانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنماقتا، پۈتكۈل توختام 2015-يىلى 10-ئايدا ئورۇنلىنىدۇ.
رۇسىيە بۇ يىل 3-ئايدا قىرىم بىلەن سىۋاسىتىپولنى رەسىمى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىر قاتار جازالاش تەدبىرى يولغا قويدى. فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيوس فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىناغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغان بولسا، فرانسىيە بۇ توختامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈستىدە ئويلىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر