- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گېرمانىيە بىلەن فرانسىيە ئۇكرائىنادىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى
2014.05.12 20:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گېرمانىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ رەھبەرلىرى 10-ماي گېرمانىيەنىڭ شىمالىدىكى سىترالىسوندا ئۇكرائىنانىڭ پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشى رايون بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇكرائىنادىكى ھەر قايسى تەرەپلەر تىنچلىق سۆھبىتى ئىلىپ بېرىشى كېرەك دېدى.
گېرمانىيە باش مىنستىرى مىركىل شۇ كۈنى زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن بارغان فرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.مىركىل مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پوتىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى بىر قىسىم رايونلاردا ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى كېچىكتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك . ئۇ مۇنداق دېدى: پوتىن ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سىگنال بېرىشى كېرەك . ھوللاندى مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشدىكى مەقسىتى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسىي سۆزلىشىشىگە تۇرتكە بولۇشدىن ئىبارەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر