باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى پولشادا زىيارەتتە بولۇپ ئېنېرگىيە ئىتتىپاقى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى

2014.05.12 20:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پولشا تاراتقۇلىرىنىڭ 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە: زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن بارغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باررازو شۇ كۈنى پولشا باش مىنستىرى تۇسىك بىلەن ئېنېرگىيە ئىتتىپاقى لاھيەسى ۋە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

  تۇسىك ئېنېرگىيە ئىتتىپاقى لاھيەسىنى يولغا قويۇشتىن مەقسەت ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئاساسلىقى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نامى ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى قىسىمىدىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن بىرلىككە كەلگەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتىكى ئىتتىپاقلىق مېخانىزمىنى قۇرۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئەڭ زور چەكلىمە بىلەن ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۆمۈر بايلىقىدىن ئەڭ زور چەكلىمىدە پايدىلىنىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سىرتىدىكى يېڭى تەمىنلەش يوللىرى ئۇستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشدىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر