باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئارمىيەسى ھورمۇس بوغۇزىغا يېقىن جايدا كۆپلىگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىسى قۇردى

2014.05.12 21:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئىران ئىنقىلاب قوغدىنىش قىسمى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئەلى فاگاۋى 10-ماي مۇنداق دېگەن: ھورمۇس بوغۇزىنىڭ شەرقى، غەربى ۋە شىمالىدىكى كۆپلىگەن جايدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىسى قۇرۇدۇق، ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ھورمۇس بۇغۇزى بىلەن پارس قولتۇقىنىڭ شىمالىدا ئۆزلۈكسىز چارلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

  فاگاۋى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسىمىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى مۇستەقىل ھاۋا ئارمىيە بولۇپ دېڭىز ئارمىيەسى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىدۇ، دېڭىز ئارمىيەسى تۈرلۈك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى نازارەت قىلىش، رازۋېدكا قىلىش ۋە ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

  فاگاۋى يەنە مۇنداق دېدى: دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىلىپ يۈرۈدىغان بولۇپ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلىرىغا ياكى دېڭىز قىرغىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چوڭ كۆلەملىك ھەربىي نىشانلارغا زەربە بېرىدۇ. فاگاۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئۆزىنى قوشۇپ ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر