باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئانتونىيوف: ئامېرىكا بىلەن ش ئا ئە ت رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ چېگرا رايون ۋەزىيىتىدىكى ھەقىقى ماھىيىتىنى بۇرمىلىۋەتتى

2014.05.12 20:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى ئانتونىيوف تۈنۈگۈن: ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ چېگرا رايون ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى قەستەن بۇرمىلىۋەتتى دېدى.

  ئانتونىيوف مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھەتتا ئۇكرائىناغا قوشنا رايونلاردىن مەشىق ۋەزىپىسى قىلىۋاتقان تاكتىكا قىسمىنى چېكىندۈرۈپ چىقتى. ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرغان ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى 15 مىڭغا كۆپەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرقىي ياۋروپا رايونلىرىدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كېڭەيتتى.

  ئانتونىيوف مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتى ئۇكرائىنانىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە پايدىسىز. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا يېقىندا: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن قوشنا رايونلاردىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئالامەتلىرى يوق دېدى. لېكىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا يۇقىرىقى كۆز قاراشلارنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئىسپاتلارنى چىقىرالمىدى.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتە خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي بىلەن كېلىشىۋالغىنى بويىچە تېلېفونلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇب سۆھبىتىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر