باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا ھەربىي ۋە ساقچىلىرى شەرقىي رايوندا 20 قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتى

2014.05.12 20:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋاكوب تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونىسسىك شتاتى مارىپول شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى»دە 20 قوراللىق كىشى ئېتىپ تاشلاندى، تۆتى ئەسىرگە چۈشتى، ھەربىي ۋە ساقچى دائىرىلىرىدىن بىر ئادەم قازا قىلدى، بەش ئادەم يارىلاندى.

  ئاۋاكوب مۇنداق دېدى: تەخمىنەن 60 قوراللىق خادىم تۈنۈگۈن مارىپول شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا باستۇرۇپ كىرمەكچى بولغاندا ساقچىلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى. ئۇكرائىنا ئارمىيە دائىرىلىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالاھىدە قىسمى ئەسكەر ئەۋەتىپ ياردەم بەردى. ئېتىشىشتا نۇرغۇن قوراللىق خادىم يوقىتىلدى، قالغانلىرى قوراللىرىنى تاشلاپ ئاھالىلەر رايونىغا قېچىپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر