باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاندتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقاردى

2014.05.12 20:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاندتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار تۈنۈگۈن پايتەخت باڭكوكتا يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىپ، قارانچۇق ھۆكۈمەتتىن تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. ساقچىلار قىسمەن نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزغۇچ بومبىسى ئىشلەتتى، ئاز دېگەندىمۇ بەش ئادەم يارىلاندى. جۇڭگونىڭ تايلاندتىكى باش ئەلچىخانىسى تايلاندتىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، ئۆز ئۆزىنى قوغداشنى كۈچەيتىشىنى ئەسكەرتتى.

  سوتىپ رەھبەرلىكىدىكى نامايىشچىلار يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن قارانچۇق باش مىنىستىرى نىۋاتەنروڭ ياكى باشقا كابىنېت ئەزالىرى بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە يۇقىرى پالاتانىڭ باشلىقىنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بىر قانچە كۈن ئىچىدە «ۋاقىتلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش پارلامېنتى» تەشكىللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىخەتەرلىكنى قوغداش مەركىزى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئاممىنى سوتىپ رەھبەرلىكىدىكى يىغىلىشقا قاتناشماسلىققا چاقىردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ھۆكۈمەت دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش، قانۇنسىز يىغىلىش ۋە مۇئەللىمانچىلىققا قۇترىتىش قاتارلىق جىنايەت بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى يىغىلىشنىڭ 51 رەھبىرىگە قانۇن بويىچە ھەرىكەت قوللىنىشنى قارار قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر