- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئافرىقىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر لى كېچياڭنىڭ سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى
2014.05.12 20:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
باش مىنىستىر لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 8-ماي نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئابۇجادا ئۆتكۈزۈلگەن 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا «ئافرىقا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلىشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولايلى» ماۋزۇلۇق سۆز قىلدى. ئافرىقىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ سۆزى كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلۇق ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
نىگېرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋالى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لى كېچياڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ بېسىپ ئۆتكەن يولى، جۇڭگونىڭ مەيدانى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى شەرھلىدى. ئۇ پۈتكۈل ئافرىقا دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە يەنى جۇڭگونىڭ ئافرىقىنى قوللايدىغانلىقى، ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىش ئىرادىسىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جەنۇبىي ئافرىقا بىرلەشمە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە ئەنئەنىۋى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مالەيلا مۇنداق دېدى: لى كېچياڭ تىلغا ئالغان ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم بېرىش لايىھىسى ئافرىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمەلىيەتكە ناھايىتى ئۇيغۇن كېلىدۇ.
زىمبابۇۋى رايون ۋە شەھەر بازار تەرەققىياتى پىلانى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تولىلو مۇنداق دېدى: قاتناش ساھەسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇل ئەسلىھە نۇقتىلىق ھەمكارلىق لايىھىسى ئافرىقىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنىڭ بىرى ئىچكى قىسىمدىكى قاتناشنىڭ قۇلايسىزلىقى ، جۇڭگو ئوتتۇرغا قويغان ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ياردەم بېرىدىغان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، تېز سۈرئەتلىك تاش يول، رايون ئاۋىئاتسىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تور تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى، ئافرىقا دۆلەتلىرىدە پائال قوللاشقا ئېرىشىدۇ ھەمدە بۇ تەسەۋۋۇرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.
ئۇندىن باشقا، بېنىننىڭ مۇھىت مىنىستىرى سۇسۇخوڭتۇ، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەتقىقات ۋە ھۆججەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى، سۇداننىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى ئابدۇللا راخمان سۇنى، مىسىرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مەھمۇد ئارام قاتارلىقلار لى كېچياڭنىڭ سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر