باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاۋروف: ئۇكرائىنا دائىرىلىرى شەرقىي جەنۇبىي رايون بىلەن بولغان سۆزلىشىشنى تېزدىن باشلىشى كېرەك

2014.05.12 20:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا ئۇكرائىنا دائىرىلىرى شەرقىي جەنۇبىي رايون ۋەكىللىرى بىلەن ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئومۇميۈزلۈك سۆزلىشىشنى باشلىشى كېرەك.

  لاۋروف مۇنداق دېدى: ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇرۇكخالتېر بىر پىلان تۈزدى، بۇنىڭدىن مەقسەت ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە تۆت تەرەپنىڭ سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئامېرىكا بۇ پىلاننى قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقتىن، رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ كىيېۋ دائىرىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىش، نامايىشچىلارنى كەچۈرۈم قىلىشقا دەۋەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر