باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن سۋاستپول غەلىبە كۈنى خاتىرە پائالىيىتىگە قاتناشتى

2014.05.12 20:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىز فلوتى تۇرۇشلۇق سۋاستپولدا تۈنۈگۈن پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 69 يىللىقى ۋە سۋاستپولنىڭ گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلەندى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈنۈگۈن سۋاستپولغا بېرىپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىننىڭ قىرىمدا زىيارەتتە بولغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن مەسلىھەتلەشمەيلا قىرىمغا باردى، بۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇن مىزاننى كۆزگە ئىلمىغانلىقى، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوپاللارچە دەپسەندە قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى رۇسىيەنى ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىپ، ئىككى تەرەپتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالىمىدى دەپ ئەيىبلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر