باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئەرزىيەت خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.03.28 21:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 26- كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىلىرى باشلىقلىرى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2018- يىللىق ئەرزىيەت خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، 2019- يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە مۇھىم تەستىقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش؛ ھەقىقىي تۈردە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىش؛ ئەرزىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئاشكارا ئەرزىيەت، مەسئۇلىيەتلىك ئەرزىيەت، قانۇنچىل ئەرزىيەت بەرپا قىلىش؛ ئەرزىيەتتىكى گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەلرايىنى مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، جايلار، تارماقلار ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايون ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار بىلەن «2019- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەتنامىسى» ئىمزالىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر