باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدا، خەلقئارا فىلوتلار پاراتتىن ئۆتۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.03.29 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 28-مارت بېيجىڭدا قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدا كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ پائالىيىتى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ چاغدا، يۇقىرى قاتلاملار مۇھاكىمە يىغىنى، خەلقئارا فىلوتلار پاراتتىن ئۆتۈش، بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىر كۆرىكى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھازىرغا قەدەر 60 تىن ئارتۇق دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ، كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ، خەلقئارا فىلوتلار پاراتتىن ئۆتۈشكە قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر