باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېلەر ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئاقسۇدىن كورلا، قەشقەرگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدۇ

2019.03.28 21:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ لى، خې شياڭشياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ چى): 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ پويىز ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 4-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت 0:00 دىن باشلاپ مۇشۇ يىل ئىچىدىكى 6-قېتىملىق پويىز يۈرۈش خەرىتىسى تەڭشىلىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يۆنىلىشلىرىگە 10.5 جۈپ نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇدىن كورلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قاتنايدىغان 2 جۈپ، ئاقسۇدىن قەشقەرگىچە بولغان ئارىلىقتا قاتنايدىغان 1 جۈپ پويىز كۆپەيتىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلىدىكەن.

  بۇ قېتىملىق خەرىتە تەڭشەشتە، ۋىلايەت، شەھەرلەر ئارا قىسقا مۇساپىلىك نۆۋەتچى پويىزلار يەنىمۇ زىچلاشتۇرۇلۇپ، 4.5 جۈپ نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدۇ، بۇلار ئاقسۇ-كورلا ئارا قاتنايدىغان K9845/6 قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىدىن 1 جۈپ، قەشقەر-قاغىلىق ئارا قاتنايدىغان K9843/4 قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىدىن 1 جۈپ، ئۈرۈمچى-قاراماي ئارا قاتنايدىغان K9849/50 قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىدىن 1 جۈپ، ئۈرۈمچىدىن تۇرپان-قومۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا قاتنايدىغان D8842/1 قېتىملىق ئارام كۈنلۈك ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىن 1 جۈپ، كۈيتۈن-ئۈرۈمچى ئارا قاتنايدىغان K9728 قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىدىن 0.5 جۈپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدا شەھەرلەر ئارا «ئاممىۋى قاتناشلاشقان» قىسقا مۇساپىلىك نۆۋەتچى پويىزلار يەنىمۇ كۆپەيتىلىپ، يولۇچىلارنىڭ تۇغقان يوقلاش، ئىستىراھەت ساياھىتى قىلىش، مال سېتىۋېلىش، سودا ئالاقىسىگە قولايلىق يارىتىلىپ، «بىر شەھەرلىشىش» تۇرمۇش چەمبىرىكى، ئىقتىسادىي چەمبىرەك ئېففېكتى بارغانسېرى كۈچەيتىلىدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇدىن كورلىغا قاتنايدىغان K9846 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز 4-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 9:20 دە ئاقسۇ ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، شۇ كۈنى سائەت 14:40 تا ئاخىرقى بېكەت كورلا ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن، مۇساپىنى تاماملاشقا 5 سائەت 20 مىنۇت كېتىدىكەن؛ كورلىدىن ئاقسۇغا قاتنايدىغان K9845 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز سائەت 15:20 دە كورلا ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، سائەت 21:26 دە ئاخىرقى بېكەت ئاقسۇ ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن، مۇساپىنى تاماملاشقا 6 سائەت 06 مىنۇت كېتىدىكەن. پويىز ئاقسۇ، توقسۇ، كۇچا، بۈگۈر، كورلا ۋوگزالىدا توختايدىغان بولۇپ، يۇمشاق كارىۋاتلىق ئورۇننىڭ بېلەت باھاسى 205 يۈەن/ئادەم، قاتتىق كارىۋاتلىق ئورۇننىڭ بېلەت باھاسى 133 يۈەن/ئادەم، قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ئورۇننىڭ بېلەت باھاسى 75 يۈەن/ئادەم ئىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە قاتنايدىغان 6 جۈپ ساياھەت پويىزى كۆپەيتىلىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە ئۈرۈمچى-بېيتۈن ئارا قاتنايدىغان Y953/4 قېتىملىق «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش» ساياھەت پويىزىدىن 1 جۈپ، قورغاس-بېيتۈن ئارا قاتنايدىغان Y956/7 ۋە Y958/5 قېتىملىق «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش» ساياھەت پويىزىدىن 1 جۈپ كۆپەيتىلىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە ئۈرۈمچى-كورلا ئارا قاتنايدىغان Y966/7 ۋە Y968/5 قېتىملىق ساياھەت پويىزىدىن 1 جۈپ، كورلا-ئاقسۇ ئارا قاتنايدىغان Y969/70 قېتىملىق ساياھەت پويىزىدىن 1 جۈپ، ئاقسۇ-قەشقەر ئارا قاتنايدىغان Y971/2 قېتىملىق ساياھەت پويىزىدىن 1 جۈپ، قەشقەر-خوتەن ئارا قاتنايدىغان Y973/4 قېتىملىق «بىر بېكەتلىك بىۋاسىتە بېرىش» ساياھەت پويىزىدىن 1 جۈپ كۆپەيتىلىدىكەن. ساياھەت پويىزلىرىنىڭ ھەممىسى «كەچقۇرۇن يولغا چىقىپ سەھەردە يېتىپ بېرىش» بويىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىغا يەنىمۇ ماسلىشىدىكەن، «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش»، «جەنۇبىي شىنجاڭنى راۋان ساياھەت قىلىش» بويىچە ساياھەت پويىزلىرى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن.

  نۆۋەتتە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 4.5 جۈپ ساياھەت پويىزىنىڭ بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى، 6 جۈپ ساياھەت پويىزىنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر