ئاپتونوم رايونلۇق شەرقىي تىيانشان دۆلەت ئورمىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شەرقىي تىيانشان يىلپىزى بايلىقىغا قارىتا نېگىزلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، يىلپىزنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا تارتىۋېلىنغان سۈرىتى
(سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق شەرقىي تىيانشان دۆلەت ئورمىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شىخو شۆبە ئىدارىسى تەمىنلىگەن)
يىلپىز، گۆشخورلار ئەترىتى مۈشۈك ئائىلىسى يىلپىز ئۇرۇقدىشىغا تەۋە، دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز جايغا تارقالغان چوڭ تىپتىكى مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغلىق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈر بولۇپ، «قارلىق تاغ پادىشاھى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
يىلپىزنىڭ يەر شارىدىكى تۈر توپى ئاز، دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تاشلىق كىتابىدا «ئاجىز» تۈرلەر قاتارىغا تىزىلغان، شۇنداقلا ئۇ دۆلىتىمىزدە 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان. بۇ خىل سىرلىق «چوڭ مۈشۈك» جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 دۆلەتكىلا تارقالغان بولۇپ، ئاساسلىقى تاغلاردىكى تاقىر تاشلار ۋە چىملىقلاردا ياشايدۇ. شىنجاڭدا ئالتاي تېغى، تىيانشان ۋە كوئىنلۇن تېغىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغ تىزمىسىغا تارقالغان. يىلپىز ئادەتتە تاغلاردىكى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، جۇڭگودىكى يىلپىزلار ئاساسلىقى تاغ ئۆچكىسى ۋە تورۇق تېكىنى ئوزۇق قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار باشقا ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ۋە چوڭ تىپتىكى قۇشلارنىمۇ تۇتۇپ يەيدۇ. تەخمىنىي مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادا 4080دىن 6500گىچە يىلپىز بار ئىكەن.