باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىۋېلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %84.68كە يەتتى

2019.03.28 21:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىۋېلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %84.68كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %17 پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 26 مىليون 889 مىڭ 600 كىلوۋاتقا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، يەر رەتلەش مەشغۇلاتى تولۇقلىما مەبلىغى، مالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن بەشى قۇرۇلغان، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىشتا مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش كۆلىمى 2 مىليون مودىن ئاشقان. مۆلچەر بويىچە ھېسابلىنىشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايون (يەرلىك)دا پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش كۆلىمى 10 مىليون 800 مىڭ موغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بۇلتۇر بىر يىلدا 36 مىڭ 600 ماشىنا - ئۈسكۈنە سېتىۋېلىنىپ، بۇنىڭدىن 29 مىڭ 100 دېھقان ئائىلىسى مەنپەئەتلەندى، بىر تۈركۈم يەر تېجەيدىغان، ئۇرۇقلۇق تېجەيدىغان، سۇ تېجەيدىغان، ئوغۇت تېجەيدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا قوللىنىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى يەنە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ-يېتىلىشىدىن بولغان. بۇلتۇر، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يەرنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش، يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش، يەر ئوبوروتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تىجارەت مۇلازىمەت كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، مۇلازىمەت كۆلىمى 14 مىليون 500 مىڭ مودىن ئاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ تولۇق مۇساپىلىك ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلىشىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى، سولياۋ يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋېلىش قاتارلىق ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى نۇقتىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىدىكەن؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى بىلەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى يۇغۇرۇلغان تولۇق مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش توپلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، قۇرۇق مېۋە، قاتتىق پوستلىق مېۋە يىغىۋېلىش قاتارلىق ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىلىرىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، مۇلازىمەتتە يېتەكلەش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئىتتىپاقى، ئۇنىۋېرسال دېھقانچىلىق ئىشلىرى مۇلازىمەت تەشكىلاتىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر