باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «ئۇلۇغ ھالقىش: شىزاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

2019.03.29 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 27-مارت «ئۇلۇغ ھالقىش: شىزاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتاب كىرىش سۆز، زۇلمەتلىك فېئودال يانچىلىق تۈزۈمى، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم، فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىنى ئۈزۈل-كېسىل بىكار قىلىش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئازاد قىلىندى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى، مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، خاتىمە قاتارلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دىيىلدى: 2019-يىلى شىزاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. دېموكراتىك ئىسلاھات شىزاڭ تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش. شىزاڭدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن زۇلمەتلىك فېئودال يانچىلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، پۈتۈنلەي يېڭى ئىجتىمائىي تۈزۈم ئورنىتىلدى، خەلق قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى، تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  ئاق تاشلىق كىتاپتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 60 يىلدا گۈزەل كەلگۈسى يارىتىلدى. دېموكراتىك ئىسلاھات شىزاڭغا پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالى ئاچتى. مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ، نامرات، قالاق كونا شىزاڭنى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلگەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، خەلق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان يېڭى شىزاڭ قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 60 يىلدا ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. دېموكراتىك ئىسلاھات ئارقىلىق، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە قەلبداش بولۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلدى. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دىيىلدى: نۆۋەتتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى يەلكىنىنى چىقىرىپ، يىراق سەپەرگە ئاتلانماقتا، شىزاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر