باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

سۈن جىخەي شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلاندى

ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى گەۋدىلىك ھالدا چىڭ تۇتۇلىدۇ

2019.03.29 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ۋەكىللەر يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن جيەنگو يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەشكىلىي ئاپپاراتىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. شۇ جايدىكى كارخانىچىلاردىن شۈ مىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى، پېشقەدەم دۆلەت دەرىجىلىك پۇتبول ماھىرى، ھازىرقى جۇڭگو دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسى جۇڭگو تېرېنىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سۈن جىخەي شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلاندى ھەمدە شىنجاڭ ياشلار مەشىق باش نازارەتچىلىگە تەكلىپ قىلىندى.

  شىنجاڭلىق كارخانىچى شۈ مىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان تەشكىلات ئاپپاراتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن ھەمدە تېز سۈرئەتتە ئەمەلىي گەۋدىگە، كەسىپلىشىشكە ئۆزگىرىپ، ئاخىرقى ھېسابتا پۇتبول باشقۇرۇش مەركىزىدىن تەلتۆكۈس ئايرىۋېتىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى نيې چۈن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى پەقەت شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلا بولۇپ قالماي، بەلكى تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم جەھەتتە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ ھەم تېز، ھەم ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.»

  يېڭىدىن تەيىنلەنگەن شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ياشلار مەشىق باش نازارەتچىسى سۈن جىخەي باش تېمىدا سۆز قىلدى

  U23 ئاسىيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابقىسىنى تاماملىغان سۈن جىخەي شىنجاڭدىكى ياشلار مەشىقىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا سۆزلىگەندە، كۆتۈرەڭگۈ ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن پۇتبول شەھىرىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم، ئۇ يەردە مەن ياتاقدىشىم پەرھات بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇ شىنجاڭ كەسپىي پۇتبولچىلىقىدىكى تۇنجى كىشى، ھازىر بىز شىنجاڭدىكى پۇتبولغا قىزىقىدىغان ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن تونۇشتۇق، ئۇلارنىڭ پۇتبولغا ئۆزىنى بېغىشلاش قىزغىنلىقى مەن بىلەن مېنىڭ كوللېكتىپىمنى ئاتلىنىشقا چاقىردى، شۇنداقلا ماڭا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ يۈكسىلىش ئۈمىدىنى بېغىشلىدى.» شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ مۇنداق دېدى: ياشلارنى مەشىقلەندۈرۈش ئەڭ تۈپ، ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر، شىنجاڭدا ياشلارنى مەشىقلەندۈرۈشتىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر توپچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت دەرىجىلىك ماھىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مەشىقلەندۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، پۇتبول مەشىقلەندۈرۈش ئىنستىتۇتلىرىنى نۇقتىلىق قۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى پۇتبول مەشىقلەندۈرۈش تەربىيەلىشىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئىقتىدارلىق ياش پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ نۇقتىلىق مەكتەپ مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياشلار پۇتبول مەشىقلەندۈرۈش خىزمىتىدە تەن ۋە مائارىپنى ھەقىقىي ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھەر قايسى تەرەپنىڭ بايلىقلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، پۇتبولنى ئومۇملاشتۇرىدىغان، كۈچەيتىدىغان، ئۆستۈرۈدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى قۇرۇلىدىكەن.

  (مۇخبىرىمىز سانىيە، پىراكتىكانت مۇخبىر سۈن يۆ، جاۋ ياڭياڭ خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر