باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4-ئايدا شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %10لىك باھادىن باشلىنىدۇ

2019.03.28 21:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ مېي خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە بېلەت سېتىش ئاپپاراتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئايدا ئاز بولمىغان ئايروپىلان بېلەت باھالىرى پۈتۈن بىر يىلدىكى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشىدىغان بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %10لىك باھادىن باشلىنىدىكەن.

  ھەر يىلى 4-ئايدا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن رايونلار گۈل تاماشا پەسلىگە كىرىدۇ، ساياھەت جانلىنىش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 4-ئايدا سىرتقا ساياھەتكە چىقىشنىڭ ئىقتىدار-باھا نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىن نەنجىڭغا قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى 700 يۈەندىن، ئۈرۈمچىدىن خاڭجوۋغا قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى 485 يۈەندىن، ئۈرۈمچىدىن نەنچاڭغا قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى 623 يۈەندىن، ئۈرۈمچىدىن كۈنمىڭغا قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى 583 يۈەندىن باشلىنىدۇ، قاتارلىقلار، %80 تىن %90 كىچە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

  ۋەھالەنكى، گۇاڭشى، خەينەن قاتارلىق ساياھەت جانلىنىش مەزگىلىدىكى ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئاساسەن 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغان جايلارنىڭ 4-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ئايروپىلان بېلەت باھاسى 600 يۈەندىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن ئۈرۈمچىدىن نەننىڭغا قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى 715 يۈەندىن، ئۈرۈمچىدىن خەيكوۋغا قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ باھاسى 475 يۈەندىن، ئۈرۈمچىدىن سەنياغا قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى 705 يۈەندىن باشلىنىدۇ، قاتارلىقلار.

  شىنجاڭغا كېلىش جەھەتتە، ئايروپىلان بېلەت باھاسىدا ئومۇميۈزلۈك %70 تىن %80 كىچە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر