- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2019-يىللىق بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىگە بىر ئاي قالدى، ئۇ كىشىلەرگە قانداق خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
2019.03.29 15:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3–ئاينىڭ 29–كۈنى، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىنىڭ ئىچىلىشىغا بىر ئاي قالدى. شۇ چاغدا دۇنيانىڭ باغۋەنچىلىك جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن، گۈزەل جۇڭگونى نامايان قىلىدىغان يېشىل كاتتا مەرىكە يەنچىڭدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئاستىدا، گۇيشۇي دەرياسى بويىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ 1999-يىللىق كۇنمىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى، 2010-يىللىق شاڭخەي دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىدىن كېيىن ئېلىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق كۆرگەزمە ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، باغچە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، ئۇنىۋېرسال مەشىق باسقۇچىغا كىردى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى كىشىلەرگە قانداق خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ مۇخبىر باغچىغا كىرىپ زىيارەت قىلدى.
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ ئۆسۈملۈكلىرىگە تولغان باغچە
يېشىل تاغ، زۇمرەتتەك سۇلار ئارىسىدا نەپس قاشتېشىدەك كېرىلىپ ياتقىنى دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت __ جۇڭگو سارىيى. بېيجىڭ كۆرگەزمە رايونىغا كىرگىنىڭىزدە گۇگۇڭنىڭ قىزىل، يېشىل رەڭلىرى كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ، پىرويېكسىيە تېمىدا بىر بېيجىڭ ھەيرانى قانات يېيىپ، قىزىل تامدىكى گۈللەر، دۇنيادىكى تاغ-دەريالار ئارىسىدا پەرۋاز قىلىپ، دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش يەرمەنكىسى ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ.
بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىدە، تاماشىبىنلار پاكار مودەنگۈل، سۆسۈن داغسىمان مودەنگۈل، ياڭشەن مودەنگۈلى قاتارلىق مودەنگۈلنىڭ ئەسلىي سورتلىرىنى كۆرەلەيدۇ؛ قەدىمىي ئۇلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن بىر تۈپتە كۆپ رەڭلىك «شىياڭ كىمخابى» مودەنگۈلىنى كۆرەلەيدۇ؛ ئەنئەنىۋى تەشتەكتە ئۆستۈرۈش ماھارىتى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن چىۋەر مودەنگۈللەر ۋە دەرەخلىق مودەنگۈللەرنى كۆرەلەيدۇ... بۇ يەردە، تاماشىبىنلار 100 خىلدىن ئارتۇق ئەنئەنىۋى مودەنگۈل سورتىنى كۆرەلەيدۇ.
كونا سورتلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى گۈللەر يېتىلدۈرۈلدى. «دۇنيا باغۋەنچىلىكىنىڭ يېڭى مەنزىلى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ئۈلگىسى»دىن ئىبارەت يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك ئىدارىسى «مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە باغ-ئورمان ئۆسۈملۈك سۈپەتلىك سورتىنى يېتىشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى باشلىدى ھەمدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ھېس قىلىش
خەلقئارا يەرمەنكىگە قاتناشقۇچى 100 كىشى ۋە 120دىن ئارتۇق غەيرىي ھۆكۈمەت تەرەپ كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچى تەكلىپكە بىنائەن يەرمەنكىگە قاتنىشىپ، دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى خەلقئارا يەرمەنكىسىگە قاتناشقۇچى تەرەپنىڭ سانى تارىخىي رېكورتىنى يېڭىلىدى. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل باغۋەنچىلىكىنى ئېلىپ كېلىپ، جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىدە 1200 خىلدىن ئارتۇق يېڭى سورتلۇق ئۆسۈملۈك كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر سارىيى بولسا تىروپىك بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشنى ئاساس قىلغان بىردىنبىر مەيدان بولۇپ، ئۇنىڭ لايىھەلىنىش ئىدىيەسى «كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئۇپۇق سىزىقى» بولۇپ، قۇرۇلۇش شەكلى سىرلىق ھەم كۈچ تۇيغۇسىغا ئىگە، خۇددى زېمىن ئىچىدىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلگەندەك كۆرۈنىدۇ. پارنىك سىرتىدىكى قوڭۇر رەڭلىك پولات تۇرۇبا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز سىستېمىسىغا سىمۋول قىلىنغان. تاماشىبىنلار يىلتىز سىستېمىسىدىن ئۆتۈپ، ئۆسۈملۈك يىلتىزىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىشتىن باشلاپ، يېڭى كۆرۈش بۇلۇڭى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئۆسۈملۈك ئەقىل-پاراسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە جەلپ قىلىدۇ.
سىرلىق ئوردىدىن ئۆتسە ئۆسۈملۈك سارىيىنىڭ يادروسى، بىر كىچىك ھەم نازۇك پارنىك بار. پارنىكتا جەمئىي 1001 خىل ئۆسۈملۈك بار، بۇنىڭ ئىچىدە 19 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۆك مېۋىلىك ياۋا ئەنجۈر دەرىخى شىمالدىكى پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ئەڭ ئېگىز تاختا يىلتىزلىق ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. پارنىكتا يەنە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان مانگرو ئورمىنى ئېكولوگىيە سىستېمىسى بار.
ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت بىلەن زامانىۋى پەن- تېخنىكا بىر- بىرىنى گەۋدىلەندۈردى
جۇڭگو سارىيىنىڭ بېيجىڭ كۆرگەزمە زالىدا قىشلىق چىللىگۈل، يازلىق ئەتىرگۈل، كۈزلۈك جۇخار گۈلى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. تۈر مەسئۇلى لىن چياۋلىڭ تونۇشتۇرۇپ: «بۇنىڭدا 1200 يىللىق تارىخى بار گۈل مەزگىلىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش تېخنىكىسى − تاڭخۇا تېخنىكىسى ئىشلىتىلدى، بۇ ھەم شۇنداقلا بېيجىڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى»، دېدى.
ئاتالمىش تاڭخۇا دېگىنىمىز يەنى ھىم ئۆيدە ئۆستۈرۈپ، تېمپېراتۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق پەسىلىدىن بۇرۇن ئېچىلغان گۈلنى كۆرسىتىدۇ. بېيجىڭنىڭ ئۆزگىچە ياغاچ غوللۇق يازلىق ئۆسۈملۈكلىرىدىن يۈلەن، تاشئالما، ئەتىرگۈل، مودەنگۈللەر ئارقىلىق «يۈتاڭدا باھار» ھالقىلىق مەنزىرىسى ياسىلىپ، «ئەل ئامان، گۈللەپ ياشنىغان، ئائىلە خاتىرجەم» دېگەن سىمۋوللۇق مەنە ئىپادىلىنىدۇ. ئەسلىدە قىش پەسلىدە پورەكلەپ ئېچىلىدىغان مېيخۇا، چىللىگۈل، گۈزەللەر چىللىگۈلىنىڭ ئېچىلىش ۋاقىتىنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن، تېخنىكا خادىمى ئۇنى تەسىس قىلىنغان سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىغا مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ قويۇش ئارقىلىق، ئېچىلىش مۇراسىمىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرگەزمە پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنماقچى. لىن چياۋلىڭ يەنە «ئەتىرگۈل، جۇخار گۈلى ھەممىسى بېيجىڭنىڭ شەھەر گۈلى، ئۇلارنىڭ تەبىئى گۈل ۋاقتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا باھار، كۈز پەسلىدە، بىز ئوخشىمىغان تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى ئېچىلىش مۇراسىمىدا بىرلىكتە پورەكلەپ ئېچىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.»، دېدى. (تولۇق تېكىستىنى تۆۋەندىكى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر