خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان، شىنجاڭ تارىم دەريا ۋادىسى لوپنۇر ناھىيەسى بۆلىكىدىكى لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى.
ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ تارىم دەرياسى سۇلۇق يېرىدىكى سۇ بىلەن توغراق، يۇلغۇن، قۇم بارخانلىرى قاتارلىقلار بىرلىكتە نۇرلىنىپ، ئەتىياز پەسلىدىكى رەڭگارەڭ مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلاندى، ۋادا ئىچىدىكى سۇلۇق يەر ھەر خىل قۇشلارنىڭ ياشاش ماكانى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر مەنبە: خەلق تورى