باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون قاتناش نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتى

2019.03.28 21:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، شى شىننىڭ خوتەندىن - چاقىلىققىچە بولغان تۆمۈريول تۈرى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى قاتارلىق مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، گولمود - كورلا تۆمۈريولىغا رېلىس ياتقۇزۇشنى تېزلىتىش تۈرى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈر يولى تۈرى ۋە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىدە پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن... 3- ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى قاتناش نۇقتىلىق تۈرلىرىدە ئارقا - ئارقىدىن ئىش ئەسلىگە كەلگەن، ئىش باشلانغان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىش مۇددىتىنى تەتۈرسىگە تىزىش، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تۈرلەرنىڭ تېز قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان.

  3- ئايدا ئالتۇن تاغ ئىللىقلىققا تولغانىدى، شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئۈچىنچى تۆمۈريول − گولمود - كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتاتتى، يېڭىدىن ياتقۇزۇلغان پولات رېلىس ئۇزاققا سوزۇلۇپ ياتاتتى. 2- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەزكۇر تۈرگە جەمئىي 13 مىليارد 387 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %58.6ىنى ئىگىلىگەن. «بىز قۇرۇلۇش مۇددىتىنى جىددىي تۇتۇپ، قۇرۇلۇش قىلىشنى تېزلىتىپ، تۈرنى بالدۇرراق تاماملاشنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى مەزكۇر تۈر رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى قىلىش بۆلىكى تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى خۇاڭ كېجۈن.

  تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول تورىنىڭ مۇھىم بىر بۆلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ خوتەندىن سىياۋېشىمغىچە بولغان بۆلىكىدە بۇلتۇر ئىش باشلانغان. نۆۋەتتە، مەزكۇر تۈرنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ، پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئامما شىنجاڭدىن چىقىشتا ئەمدى ئۈرۈمچىنى ئايلىنىپ يۈرمەيدىكەن، مۇساپە 1000 كىلومېتىردىن كۆپرەك قىسقىرايدىكەن.

  «يۇقىرىقى ئىككى تۆمۈريول پۈتكەندىن كېيىن، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول تورى شەكىللىنىپلا قالماي، جەنۇبىي شىنجاڭدىن دۆلىتىمىز ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان تۆمۈريول چوڭ يولىمۇ شەكىللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ قاتناش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى رېن.

  پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش تۈرلىرى تېزلىتىلىدىكەن، بۇ يىل ئالتاي، غۇلجا، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى تۆت ئايرودۇرۇمنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلىدىكەن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى ۋە كېرىيە ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئايرودۇرۇم فۇنكسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تېز بېجىرىلىۋېتىپتۇ، پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن، پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، 2022- يىلى قۇرۇلۇش تاماملىنىدىكەن. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىدىكەن، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، «ھاۋا يىپەك يولى»نى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىكەن.

  ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 تاشيول داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش ئەسلىگە كەلگەن، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە بۇ يىلمۇ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تېزلىتىلىپ، بىرىنىڭ شارائىتى ھازىرلانسا بىرىدە ئىش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. «بىز تۈر قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى تېزدىن شەكىللەندۈرىمىز، ھەم يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئىش باشلاش شارائىتىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، <شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش> نىشانىنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز.» دېدى لى رېن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر