باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2019.03.28 21:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، پىراكتىكانت لياڭ يەننى خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايون بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ شياڭشۈي تيەنجيايى خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى «21- مارت» پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ جىددىي ئۇقتۇرۇشى يەتكۈزۈلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، نۆۋەتتىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۈرلۈك تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نۆۋەتتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قانۇنىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئاجىز ھالقىلىرىغا قارىتا، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم قاتارلىق ۋەقە ئاسان يۈز بېرىدىغان، كۆپ يۈز بېرىدىغان نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى ياخشى تۇتۇپ، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇمنى يولدا توشۇش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇمنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يول قاتنىشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈش، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تېزدىن قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى تۈرلۈك قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسى بويىچە «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جەرۇللا ھېسامىدىن، جاۋ چىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر