باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۈلگە بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، «زەھەرلىك ئۆسمە»نى كېسىپ تاشلايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى بايلىق قۇرۇلۇشى ۋە تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرەم

2017.09.21 13:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئۈچ خىل كۈچ» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ غەرەزلىك سەپسەتە توقۇپ، ئەكسىيەتچىل قاراشنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ، كۆپ قېتىم پاجىئەلىك دېلولارنى سادىر قىلىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز- بۇرۇن يالاشتى، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى قەبىھ، نىيىتى تېخىمۇ رەزىل، زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر، ئېلىپ كەلگەن بالا- قازاسى ئۇزاق مۇددەتلىك. بىز پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار ھەر زامان، ھەر ماكاندا بايرىقىمىزنى روشەن قىلىپ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى كۈچەيتىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشىمىز، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن، ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.



  «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسى دىنىي ئەسەبىيلىكنى، پانمۇسۇلمانچىلاشتۇرۇشنى ۋە زوراۋانلىق بىلەن غازات قىلىشنى تەرغىب قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۆرپ- ئادەتنى دىنلاشتۇرۇش، دىننى ئەسەبىيلەشتۈرۈش، مىللەتنى نادانلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا زوراۋان- تېررورچى دېگەن بەلگىنى چاپلاپ، تارىخنىڭ جىنايەتچىسىگە ئايلاندۇرۇش، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرماسلىق، خەلقنى بەختسىزلىككە دۇچار قىلىش، جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت. بىز بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا، بىزنى ئۇزاق مەزگىل زەھەرلىشىگە يول قويساق بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ! بىز بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمىز، بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز! زوراۋان- تېررورچىلار قەبىھ، ئۇلار بىگۇناھ ئاممىنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن ئائىلىنى قېرىنداشلىرىدىن ئايرىدى، قېرىندىشىدىن ئايرىلغانلار يىغا- زارە قىلىشىپ، دەرد- ئەلەمدە قالدى؛ بۆلگۈنچى كۈچلەر باش كۆتۈرۈپ، قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، نۇرغۇن سىياسىي- قانۇن كادىر- ساقچىسى، پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىرنىڭ يىل بويى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش ئىشلىشىگە سەۋەبچى بولدى؛ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە قۇترىتىشى، سىڭىپ كىرىشى ۋە چىرىتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئامما قايمۇقۇپ، ئۇلارنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. بىز پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە ۋە كۈرەش قورالىنى قولىمىزغا ئېلىپ، ئاممىنى ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، راست- يالغاننى پەرقلەندۈرۈشكە يېتەكلىشىمىز ۋە تەربىيەلىشىمىز؛ ئىدىيە جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئۈلگە بولۇپ، دوستلار چەمبىرىكى، ئۇرۇق- تۇغقانلار چەمبىرىكى، قوشنىلار چەمبىرىكى ئارقىلىق بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا، سەككىز سائەتتىن باشقا ۋاقىتتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، ئائىلە يىغىلىشىدا دادىل ئوتتۇرغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «تۆتنى تونۇش»نى ۋە ماركسىزملىق «بەش قاراش» تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈرەش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز؛ خاتا پىكىر ئېقىمىغا رەددىيە بېرىشتە ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ھەربىر كادىر، ھەربىر ئاممىنىڭ ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شەمشىرىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» پىكىر ئېقىمىنىڭ رېئال زىيىنىنى ئېنىق سۆزلىشى ئارقىلىق خاتا پىكىر ئېقىمىغا بازار قالدۇرماسلىقىمىز؛ «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى يوقىتىشتا باشلامچى بولۇپ، ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈگۈرتىدىغان، ئاغزىغا كەلگەنچە سۆزلەيدىغان، مۈجمەل، غەرەزلىك، كۆز- بويامچىلىق قىلىدىغان، كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان خاتا سۆزلەرنى قەتئىي تەنقىدلىشىمىز، ھەرگىز «قارىغۇ»، «گاس» بولۇۋالماسلىقىمىز، ھەرگىز ئېغىر ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ، يېنىكىگە يۈگۈرمەسلىكىمىز، ئېغىزنىڭ ئۇچىدىلا دەپ قويماي، قول سېلىپ ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىشىمىز، قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.



  «ئۈچ خىل كۈچ» دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان باش جىنايەتچى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئەزالدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئەزالدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئەزالدىن كۆپ خىل دىن ئورتاق مەۋجۇت بولغان رايون ئىكەنلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار شىنجاڭنى ۋەتەن بۈيۈك ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتمەكچى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئائىلىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى، ئۇلار تارىخنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، سەپسەتە ئويدۇرۇپ، ۋەتەننى پارچىلىماقچى. بىز ئۇلارنىڭ ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىشىغا، سۇيىقەستلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يول قويساق بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ! بىز قەتئىي بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز، ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك! تارىخنى ئىنكار قىلىشقا، بۇرمىلاشقا، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. بىر ئوچۇم دۈشمەن كۈچلەر شىنجاڭنىڭ تارىخى- مەدەنىيىتى ۋە مىللەت- دىن ئىشلىرىدا قۇسۇر چىقىرىشقا، سۇيىقەست پىلانلاشقا ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ بۇ ئويى چوقۇم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ. قىسمەن كىشىلەر تار مىللىي ھېسسىياتقا بېرىلىپ كەتتى، ئۇلاردا ئەقەللىي بىلىش ۋە ئاساسىي ساۋات كەمچىل، ئۇلار ۋەتەنگە بولغان ئېتىقادىنى، مىللىي غۇرۇرىنى يوقىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىلىرىغا ئايلاندى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ. تارىخ شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخ»ى دەل شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ ئىلمىي، ئەڭ قايىل قىلارلىق شەرھلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. باشلامچىلىق بىلەن شىنجاڭ «ئۈچ تارىخ»ىنىڭ ئومۇملاشتۇرغۇچىسى، تەشۋىقاتچىسى، چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇپ، بۇ «دەرسلىك»تىن، «چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى»دىن ھەممە كىشىنى خەۋەردار قىلىشىمىز، بۇنى ئۇلارنىڭ كاللىسىغا ۋە قەلبىگە سىڭدۈرۈشىمىز؛ باشلامچىلىق قىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلىشىمىز، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، ئۇرۇق- تۇغقانلىق مېھرىنى سۆزلىشىمىز، ھەرقايسى مىللەتنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىدىن ئىبارەت جانلىق ئەمەلىيەتنى تولۇق نامايان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل مەقسىتىنى ۋە ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىشىمىز، كىمنىڭ دۈشمەن، كىمنىڭ قېرىندىشىمىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشىمىز، ۋەتەننىڭ ئانىمىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ، ۋەتەنگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا يول قويماسلىقىمىز، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت دېگەننى ئېنىق تەكىتلىشىمىز، ۋەتەننى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈشتىن ئىبارەت قايناق ھېسسىياتنى ۋە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.



  «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كۆرۈنۈشتە ياخشى ئادەمدەك بولۇۋېلىپ، شوئارنى ھەممىدىن ئۈنلۈك توۋلاپ، پوزىتسىيەنى ياخشى بىلدۈرگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەپ، كۆرۈنۈشتە يۇقىرىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلغىنى بىلەن، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىش قىلىۋاتىدۇ، تۆۋەندىكىلەرنى ئازدۇرۇپ، ئالداپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتىدۇ، غەيرىي نىيەت، غەيرىي مەقسەتتە بولۇۋاتىدۇ، تەشكىلنى ئالداۋاتىدۇ، كۆرەڭلەپ، ئىغۋا تارقىتىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن تىل بىرىكتۈرۈپ، قانات ئاستىغا ئېلىپ، يول قويۇپ، ساختا سادىق بولۇپ، ھەقىقىي بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، ئەسەبىيلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ياردەم بېرىپ، ئاممىنى يامان يولغا باشلاۋاتىدۇ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىشلارنىڭ ئاممىغا بالا- قازا ئېلىپ كېلىشىگە يول قويساق بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ! بىز ھەرگىز يۈز- خاتىر قىلماسلىقىمىز، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك! «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر دۆلەتتىن مائاش ئېلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېھىر- شەپقىتىدىن ۋە ئىلتىپاتىدىن بەھرىلىنىپ تۇرۇپ، يامان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئېتىقادىنى يوقاتقان، ۋاپاسىز، كۆپچىلىكنىڭ لەنىتىگەن قالغان بولۇپ، ھەممە كىشى ئۇلاردىن بىزار. بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك، قەلبىمىزدە ھەر ۋاقىت «قىزىل، يېشىل چىراغ» بولۇشى، ھەرگىز «قارانچۇق» بولماسلىقىمىز، ھەرگىز «ياخشىچاق» كىشىلەردىن، «بىخۇد» كىشىلەردىن بولماسلىقىمىز، ھەرگىز ئاتالمىش «چېكىنىش يولى» قالدۇرماسلىقىمىز، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشنى كەم- كوتسىز، ئۆز ئەينى، تولۇق ئېلىپ بېرىشىمىز، ھەققانىيەت يولىدىن قەتئىي قايتماسلىقىمىز؛ كۆزىمىزنى ئۆتكۈر قىلىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىزنى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئېڭىمىز ۋە ئۇلارنى بايقاش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىككە زىيان يەتكۈزۈۋاتقان زىيانداشلارنى چوڭقۇر قېزىپ، جەمئىيەتتىكى «زەھەرلىك ئۆسمە»نى كېسىپ تاشلىشىمىز؛ ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، ھەممەيلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، ئۇلارنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرماي، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەردىن ئىبارەت جەمئىيەتتىكى بۇ «زەھەرلىك ئۆسمە»نى قەتئىي كېسىپ تاشلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر