باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا–ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى«يۇقىرى سۈرئەتلىك يول»غا كىردى

2017.09.21 13:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قورغاس تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسپىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دۈەن يەن 9–ئاينىڭ 19–كۈنى مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا قورغاس پورتى بىلەن دولاتا پورتىنىڭ ئىمپورت–ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 19 مىليون 372 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.2 ئاشتى؛ ئىمپورت–ئېكسپورت سودا سوممىسى 70 مىليارد 179 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.87 ئاشتى.

  بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا–ئەشيا ئوبوروتچىلىقى تەرەققىياتىنىڭ «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول»غا كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە تاۋار سودا سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بازاردىن 89 ى قۇرۇلۇپ، يىللىق پۈتۈشۈش سوممىسى 160 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، مەھەللە پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى خەلققە قولايلىق گۆش–كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىدىن 1590 ى قۇرۇلۇپ، 110 نەچچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن 96 سى يېڭىدىن قۇرۇلدى ۋە ئۆزگەرتىلدى، دېھقانلار دۇكىنىدىن 5454 ى، ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش مەركىزىدىن 61 ى قۇرۇلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سودا–ئەشيا ئوبوروتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروت ئۇل ئەسلىھەسى، ئىچكى قۇرۇقلۇق پورتى ۋە پورت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر–يېزا بازار تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ سودا–ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا–ئەشيا ئوبوروتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. «شىنجاڭنىڭ سودا تەرەققىياتىنىڭ <13–بەش يىللىق> يىرىك پىلانى»، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا–ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2016–يىلىدىن 2030–يىلىغىچە)»، «شىنجاڭنىڭ سودا–ئەشيا ئوبوروتچىلىقى تەرەققىياتى يىرىك پىلانى (2015–يىلىدىن 2020–يىلىغىچە)» قاتارلىق كۆپلىگەن يىرىك پىلان ئارقا–ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يادرولۇق رايون سودا–ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، نىشانى، ماكان ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، سىستېما قۇرۇلۇشى، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى، كاپالەت تەدبىرى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر رۇڭ جۈن مۇنداق دېدى: بىز يىرىك پىلان بويىچە خەلقئارا سودا–ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك سانائەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنى قوللاپ، رايون ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىق مېخانىزمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، 2020–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ كەڭ كۆلەمدە ھالقىغان، كەڭ كۆلەمدە قاپلىغان، ئىستېرېئولۇق ۋە ئېچىۋېتىلگەن سودا ئەشيا–ئوبوروت تايانچ سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر