باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا

2017.06.07 15:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىز ئاز سانلىق مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ئۈلگىسى. ئۇ ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»تا بىز ئۇيغۇر كادىر، ئاممىنىڭ يۈرىكىدىكى گەپلەر دېيىلگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، بەختلىك تۇرمۇشىنى قەدىرلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتەك ئورتاق ئارزۇسى بىلدۈرۈلگەن. پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۆگىنىش ئۈلگىمىز قىلىپ، ئەۋزەللىكىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى تۇرىدىغان «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ھازىر بەزى پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار ئارىسىدا غايە، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولماسلىق، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭى سۇس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت، بەزىلىرى ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇرۇق- تۇغقان ۋە دوست- بۇرادەرلىرى، يېنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدىكى مۇجمەل قارىشى ۋە خاتا- سۆز ھەرىكەتلىرىگە تەربىيە بەرمىگەن، ئۇلارنى قايىل قىلمىغان، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتمىگەن، بەزىلىرىدە «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى پەرق ئېتىدىغان ئەڭ ئەقەللىي سىياسىي ئىقتىدار كەمچىل بولۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى دىن مەسىلىسى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇۋالغان، ھەتتا بەزىلىرى «ئۈچ خىل كۈچ»كە يول قويغان، ئۇلار تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان تىپىك «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر. بىز پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، غايە، ئېتىقادىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ رېئال زىيىنىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن- ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى جېنىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق يېزىپ چىقىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قەبىھ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا ئەمدى سۈكۈت قىلساق بولمايدۇ، ئۇيغۇرلار ھەرگىز «زوراۋان- تېررورچى» دەپ ئاتىلىپ قالساق بولمايدۇ، بىز «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت زور تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىمىز ۋە پارتىيەلىك كادىرلىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر. بۇ جەھەتتە، بىز پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان» بولۇش تەلىپى بويىچە تېخىمۇ زور تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ۋەتەنگە، مىللەتكە، ئاممىغا ۋە ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولۇپ، ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، ۋەتەن ۋە شىنجاڭغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمىز بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، زوراۋان- تېرروچىلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى تۇرىدىغان رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈرەشنى قەتئىي قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا ئالاھىدە رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. باشتىن- ئاخىر كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، دەرھال ئويغىنىپ، ھەر ۋاقىت سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش نىشاننى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر