باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاممىنى يېتەكلەشتە باشلامچى بولۇپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلايلى

ئاپتونوم رايونلۇق سۇ رايى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەخمەت زىياۋۇدۇن

2017.06.07 15:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»تا جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە سادىق بولۇش ساداسى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەققانىيەت ساداسى ياڭرىتىلىپ، ئۇيغۇر كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى بىلدۈرۈلدى، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئۆگىنىش ئۈلگىسى، ھەرىكەت ئۈلگىسى بولدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئۇزاق يىللاردىن بۇيان تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرگۈچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك ھىمايىچىسى، سىياسىي ئىنتىزامنىڭ نەمۇنىلىك ئەمەل قىلغۇچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىك يېتەكچىسى، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ قەتئىي ئىجرا قىلغۇچىسى بولىمەن.

  پارتىيەگە سادىق سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرگۈچى بولۇشقا تىرىشىمەن. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، ھەر مىللەت خەلق بەختىيار، ئەمىن تۇرمۇشقا ئېرىشتى. شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى بولمايتتى، شۇنداقلا مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم تېخىمۇ بولمايتتى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك ئەخلاق- پەزىلىتى، شۇنداقلا ھەر بىر پارتىيەلىك كادىردا بولۇشقا تېگىشىلىك ئىدىيە.

  سىياسىي ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قەتئىي ھىمايىچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشمەن. ھازىرقى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولغان مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن بارلىق سۇ رايى سىستېمىسىدىكى كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەشتە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن.

  سىياسىي ئىنتىزامنىڭ نەمۇنىلىك ئەمەل قىلغۇچىسى بولۇشقا تىرىشىمەن. ھەر بىر پارتىيەلىك كادىر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پارتىيەلىك كادىرلار سىياسىي مەيدانىمىزنى چىڭىتىپ، ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، ھايات- ماماتلىق پەيتىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان بولۇشىمىز كېرەك، مانا بۇ پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بايرىقىم روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىنتىزامنى شەرتسىز ئىجرا قىلىش، قائىدىگە ئېنىق ئەمەل قىلىش، ئاخىرقى چەكنى ساقلاپ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتمەسلىكنى باشتىن- ئاخىر ئىشقا ئاشۇرىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇشقا تىرىشىمەن. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش» ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، سۇ رايى سىستېمىسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

  ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىك يېتەكچىسى بولۇشقا تىرىشىمەن. نەمۇنىلىك بىلەن باشلامچى بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ھەر ۋاقىت زىممەمگە ئېلىپ چىڭ تۇتۇپ، سۇ رايى سىستېمىسىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى پارتىيەگە سادىق بولۇش، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر بولۇپ، دادىللىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، سۇ رايى سىستېمىسىدا باش نىشانغا يېتىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرىمەن.

  مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ قەتئىي ئىجرا قىلغۇچىسى بولۇشقا تىرىشىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ رايى سىستېمىسىنىڭ نۇقتىلىق ساھەسىدە باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرغۇچىسىز رايون بولماسلىق، يوچۇق بولماسلىق، بوشلۇق قالدۇرماسلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمەن؛ مەۋقەنى ئىشنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز ۋە ياخشى تۇتۇشقا قويۇپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، سۇ رايى ساھەسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر