باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار قەشقەر ۋە خوتەندىكى 2000دىن ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ

2017.06.07 15:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (باش بىرلەشمە) يېقىندا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇرۇن قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 2000دىن ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان سودا بىرلەشمىسى ۋە كارخانىلار ۋەكىللىرى بەس- بەستە: ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشىمىز، دېيىشتى.

  شىنجاڭ جېجياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى گى يوڭپىن مۇنداق دېدى: بىز ئەزا كارخانىلارنى مۇۋاپىق ئىش ئورنىنى تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز.

  شىنجاڭ گەنسۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى لى لىتاۋ مۇنداق دېدى: ئۇيۇشمىمىز قەشقەر، خوتەندىن 50 نەپەر ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئەزا كارخانىلار ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى ۋاقتىدا تاماملاپ، ئۇلارنى تېزدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  يىغىندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككى ۋىلايەتتىكى ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىش ئەھۋالى ئۇچۇرىنى خاتىرىلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ يىلدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغان، بۇ يىل قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن 25 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئورۇندىلىدىكەن. ئۈچ يىل ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاز بولغاندىمۇ 6000 كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر