باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون يېزا «قوش تىل» يەسلى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش يىغىنى ئاچتى

«قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر قۇرۇش» ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە، ۋاقتىدا تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2017.06.07 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 6- ئاينىڭ 4- كۈنى يېزا «قوش تىل» يەسلى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق يېزا «قوش تىل» يەسلىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇش، ئەسلىھە- ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتتى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا «قوش تىل» يەسلى قۇرۇلۇشىدا «قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر قۇرۇش» ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە، ۋاقتىدا تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  جايلار خىزمەت سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال «يېشىل يول» ئېچىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، يېزا «قوش تىل» يەسلى قۇرۇلۇش تۈرىدە بالدۇرراق ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولدى. 5- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە يېزىلاردىكى مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋالقى ئۈچ يىلدا يەسلىدە ئوقۇۋاتقان بالا 1 مىليون 53 مىڭ 700گە يېتىپ، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 53 مىڭ 100ى كۆپەيدى، ھازىر بۇ سان ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتى؛ ئاپتونوم رايون بېكىتكەن يېڭى قۇرۇلۇش تۈرى 4387(جەنۇبىي شىنجاڭدا 3223) بولۇپ، ئەمەلىي قۇرۇلۇش تۈرى 4408(جەنۇبىي شىنجاڭدا 3153)گە، ئىش باشلاش نىسبىتى %100كە يەتتى.

  ھەيدەكچىلىك قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار قۇرۇلۇش مۇددىتىنى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتى ۋە سۈپىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر قۇرۇش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئورۇنداش كېرەك؛ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش ئۆتكىلى، نازارەتچىلىك ئۆتكىلى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تۈگىتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلەرنى تولۇق، ياخشى سەپلەپ، سېتىۋېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، پۈتتۈرۈلگەن ھەربىر يەسلىنى شۇئان ئىشلىتىشكە بولىدىغان قىلىپ قۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ خىل ۋە كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تاللاپ ۋە سەپلەپ، يەرلىكتىكى ئىختىساس ئىگىلىرى بايلىقىنى قېزىپ ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى يېتەرلىك، ياخشى ئىشلىتىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق يېزا يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئېھتىياجىنى ئاۋۋال قاندۇرۇش كېرەك؛ يەسلى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يەسلى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يېزا «قوش تىل» يەسلىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەر- يېزا «قوش تىل» يەسلىلىرىنىڭ «قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر قۇرۇش» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت پىلانىدىن دوكلات بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر