باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلايلى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى غوپۇر ئابدۇللا

2017.06.07 15:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئومۇمىيەتنى ئىگىلىگەن، يىراقنى كۆرەر، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شۇنداقلا ئۇنىڭدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىدىيە جەھەتتە يادرونى ئېتىراپ قىلىشى، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغدىشى، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇشى، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ۋەكىللىكىدىكى پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئامما دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى پارتىيەنىڭ سۆزىنى قەتئىي ئاڭلاش، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىشقا چاقىرىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەققانىيەت ساداسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش دەۋر ساداسىنى تارقاتتى. ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ھەم بۇ ئاساستا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى يەنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  «ئۈچ خىل كۈچ» دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن ئايرىپ چىقىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، زوراۋانلىق، تېرررولۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىنى دەپسەندە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن دۈشمەنلەشتى. ئەمەلىيەت «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش مۇساپىسىدىكى زەھەرلىك ئۆسمە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا چوقۇم كەسكىن ھالدا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ھەر خىل شەكىلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىشى كېرەك.

  ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش نىشانغا يېتىشنى خىزمىتىمنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇشۇمنى ئۆستۈرىمەن ۋە تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» قاتارلىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ماقالىلىرىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ۋە ياخشى ئۆگىنىپ، ئىدىيەمگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ھەقىقي زىممەمگە ئېلىپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆزلىرىگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، توغرا «بەش قاراش»نى تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مىللەت ۋە دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ بۆلگۈنچىلىك قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن. مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ يان تېلېفون، تور قاتارلىق زامانىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى تارقىتىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان سىڭدۈرمىچىلىكنى مەنبەدىن توسۇپ، «ئۈچ قانۇنسىز»نى توسۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى ۋە يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان ئىدېئولوگىيە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن.

  بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قانداق بايراق كۆتۈرۈۋېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، چاتاق چىقىرىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسىتى باشتىن- ئاخىر ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشتى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھارماي- تالماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر