- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
1- ئاينىڭ 24- كۈنى تۆمۈر يول قاتنىشى چاغاندىن بۇرۇنقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ
2017.01.23 16:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېھقانلار كالېندارى بويىچە كىچىك يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشى يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتى، شىنجاڭدىن چىقىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى داۋاملىق ئاشتى، رايونىمىز ئىچىدىكى ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك يولۇچىلار ئېقىمى باشلاندى، نۆۋەتتە، تۆمۈر يول قاتنىشىمۇ چاغاندىن بۇرۇنقى ئەڭ چوڭ يولۇچىلار دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدۇ.
ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ خۇڭيەننىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرىكى ئادەت بويىچە، ھارپا كۈنىدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن بولسا ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك يولۇچىلارنىڭ يولغا چىقىدىغان يۇقىرى پەللىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، چاغاندىن بۇرۇنقى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ قىممىتى 1- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە كۆرىلىدۇ. رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك يولۇچىلار ئېقىمى ئاساسلىقى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا، قۇمۇل، تۇرپان، غۇلجا، بېيتۇن، بورتالا ۋە كۇيتۇن يۆنىلىشىگە مەركەزلىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر