- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سچابۇلې: ئەنگلىيەنىڭ ئايرىلىشىنىڭ ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ
2017.01.22 13:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گېرمانىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى سچابۇلې 20-يانۋار دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2017-يىلى ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئۈمىد بىلەن قارايمىز، ئەسلىگە كېلىۋاتقان قەدەم ۋاقتىنچە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
ئەنگلىيەنىڭ باس ۋەزىرى تېرىسا ماي 17-يانۋار ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى ھەققىدىكى سۆھبەتكە قاتتىق مەيدان تۇتۇپ: ئەنگلىيە ياۋروپا ئورتاق بازىرىدا قالمايدۇ، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا تىرىشىدۇ دەپ تەكىتلىدى.
سچابۇلى مۇنداق دەپ قارىدى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدا يېڭىدىن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆزئارا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىپ، ئىقتىسادى زىياننى ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر