باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇ ئۆلكىسىدە ئاپتوموبىل ھەيدىشى ئۆمۈرۋايەت چەكلەنگەن 107 كىشىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

كۆپىنچىسى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ باشقىلارنى يارىلاندۇرغان ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ئىكەن

2017.01.22 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گەنسۇ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى يېقىندا 4- تۈركۈمدىكى ئۆمۈرۋايەت ئاپتوموبىل ھەيدىشى چەكلەنگەن 107 كىشىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كېتىش قاتارلىق قىلمىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ 107 كىشى كۆپىنچە ھاراق ئىچىپ ياكى مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ زور قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتكەنلىكتىن، ئاپتوموبىل ھەيدىشى ئۆمۈرۋايەت چەكلەنگەنلەر ئىكەن.

  بايقىلىشىچە، ئاز ساندىكى پىراۋىسىز ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەردىن باشقا، ئاپتوموبىل ھەيدىشى بىر ئۆمۈر چەكلەنگەنلەرنىڭ شوپۇرلۇق ئىستاژىمۇ ئوخشىمايدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە 10 يىلدىن ئۇزاق ئاپتوموبىل ھەيدىگەن «كونا شوپۇر»لارمۇ بار ئىكەن، شوپۇرلۇق ئىستاژى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى 26 يىل شوپۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان ما ۋېيجى ئىسىملىك كىشى بولۇپ، 2014-يىلى 12-ئايدا ئۇ لىنشيا شەھىرىدە مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ، پىيادە كېتىۋاتقان بىر كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە قېچىپ كەتكەنلىكتىن، بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر