خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئابدۇمىجىت ئابدۇللا خەۋىرى) يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى يېڭى تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋالدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا يېڭى بىر بەت ئېچىلىپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. دۆلەتنىڭ ھەر تۈرلۈك ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىغا بارغانسىرى ئەھمىيەت بېرىشىگە ئەگىشىپ، مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار قوشۇنى مەيدانغا كەلدى. ئۇلار تۈرلۈك مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەرەققىياتىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئويناپلا قالماستىن، ئېلىمىزنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنى بېيىتتى ۋە جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى .
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 10- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 9- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسى ۋە مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى كۆرگەزمىخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «يېڭى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسىدا ئېچىلدى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىجاد قىلغان خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، موڭغۇلچە، تىبەتچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە قاتارلىق تىللاردىكى تۈرلۈك مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەردىن 400 خىلغا يېقىن ئەسەر قويۇلغان.
كۆرگەزمە 2017-يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە (چاغان مەزگىلىدە ئېچىلمايدۇ) داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمە مەزگىلىدە ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى