باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لائۇساندىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى

2017.01.19 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-يانۋار لائۇساندىكى خەلقئارا ئولىمپىك مۇزېيىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن خەلقئارا ئولىمپىك مۇزېيىغا بارغاندا، رەئىس باخ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ئۇلارنى كۈتىۋالدى ھەم شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەنگە خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرىنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن رەئىس باخ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ

  ھەمراھلىقىدا زامانىۋى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇرغۇچىسى كوبېرتىننىڭ ھەيكىلى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە رەئىس باخ، پەخرىي رەئىس روگ خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا غايەت زور ياردەم بەردى، مەن بۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. بېيجىڭ دۇنيا بويىچە ھەم يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن، ھەم قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولغان تۇنجى شەھەر. بۇ، جۇڭگونىڭ تۆھپىسى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدىكى مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ. بىز يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك-دىيانەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرىمىز. جۇڭگو خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بىللە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىر نۆۋەتلىك قالتىس ھەم كاتتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر