باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ جىڭزې مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولدى

2017.01.11 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ج ك پ دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ 2016- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى مۇھاكىمە قىلىشى ۋە ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ ماقۇللىشى بىلەن، يولداش جاڭ جىڭزې مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەيدىكەن؛ يولداش ئې يېتەي ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ياش چەكلىمىسى توشۇپ قالغانلىق تۈپەيلىدىن، ئەمدى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە پارتكومنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىمەيدىكەن.

  ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ جىڭزې ئىلگىرى شىمالىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئۇ يېقىندا دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ھەيئەت ئەزاسى بولدى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر