- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2017-يىلى ئەتىيازلىق ماتېرىياللاردا 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش ئۇقۇمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ
2017.01.11 15:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مائارىپ مىنىستىرلىقى 10-يانۋار مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى: 2017-يىلى ئەتىيازلىق ماتېرىياللاردا 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش ئۇقۇمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، بۇ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بارلىق ئوقۇش باسقۇچى، بارلىق ئالاقىدار پەنلەر، بارلىق دۆلەت دەرسلىكلىرى ۋە يەرلىك دەرسلىككە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى قاپلايدۇ. يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ 2-مەھكىمىسى مەخسۇس خەت ئەۋەتىپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك دەرسلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەلىپىنى قويدى. 8 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا ئۇرۇش بىردەك 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان جىنايىتى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، 18-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش تارىخىنىڭ باش-ئاخىرى تۇتاشتۇرۇلغان بىردەكلىكىنى تەكىتلەپ، دەرسلىك ماتېرىياللاردا ئۇنى سىستېمىلىق، توغرا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر