باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «دۆلەت مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلانى»نى تارقاتتى

يېتەكچى ئىدىيەسى، باش نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى

2017.01.20 12:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «دۆلەت مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلانى»نى تارقىتىپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، باش نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرىنى بېكىتتى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە يېتەكچى ھۆججىتى.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى باش تېما، مائارىپ جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا ئېلىمىزنىڭ مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىدا مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆمۈربويى ئۆگىنىش پۇرسىتى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يەسلىگە كىرىش نىسبىتىنى %85كە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىسبىتىنى %95كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %90كە يەتكۈزۈش كېرەك. مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مائارىپ سىستېمىسى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەش ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى مائارىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر