باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزىلىرىدا مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى يەسلىگە كىرىش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشتى

2017.01.10 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىككى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزىلىرىدا مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى يەسلىگە كىرىش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى ئاساسەن ئەمەلگە ئېشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغان. 9-يانۋار ئەتىگەن، ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2016-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «13- بەش يىللىق پىلان»نى يولغا قويۇشنى باشلىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغان مۇھىم بىر يىل.

  يېڭى بىر يىلدا، شىنجاڭ يېزىلىرىدا مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى يەسلىگە كىرىش ھەقسىز مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ، يەسلىگە كىرىش يېشىغا توشقان ھەر بىر بالىنى ئىللىق، راھەت مۇھىتتا بەختلىك خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارنى كەسپىي تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر