باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

ھەر كۈنى چۈشتە بىر سائەت ئۇخلاپ بەرسە بەش ياش ياشىرىدۇ

2017.01.22 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۈشلۈك ئۇيقۇ سالامەتلىككە پايدىلىق. شۇنداقتىمۇ، چۈشتە قانچىلىك ئۇخلاش كېرەك؟ پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا «ئامېرىكا ياشانغانلار تېببىي ئىلمىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ھەر كۈنى چۈشتە بىر سائەت ئۇخلىسا، چوڭ مېڭە بەش ياش ياشىرىدىكەن.

  تەتقىقات گۇرۇپپىسى مەزكۇر سىناققا قاتناشقانلاردىن 65 ياشتىن ئاشقان 3000 نەپەر جۇڭگولۇق قاتناشقۇچىنى قوبۇل قىلىپ، سوئال قويۇش ۋە سىناش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ چۈشتە ئۇخلاش ئادىتىنى، ھەمدە ئەسلەش ۋە بىلىش قابىلىيىتىنى ئىگىلىدى. ئانالىز نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، چۈشتە ئۇخلىمايدىغانلارنى ھەر كۈنى چۈشتە بىر سائەت ئۇخلايدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئەسلەش ۋە بىلىش قابىلىيىتىنىڭ كۆرسەتكۈچ نومۇرلىرى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش خەۋپىنى كۆرسىتىدىغان سانلىق مەلۇمات 4-6 ھەسسىگىچە كۆپەيگەن؛ چۈشتە بىر سائەتلا ئۇخلايدىغان ئادىتى بار ئادەملەرنى چۈشتە بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلايدىغان ئادىتى بار ئادەملەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك سىناق نەتىجىسى تېخىمۇ ياخشى بولغان.

  بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چۈشتە بىر سائەت ئۇخلاش چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن، بەك كۆپ ئۇخلاش ياكى بەك ئاز ئۇخلاش ياخشى ئەمەسكەن. ئۇلار يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چۈشتە بىر سائەتلا ئۇخلىسا، ئەڭ ياخشى بولىدىكەن. ئۇزۇندىن بېرى چۈشتە ئۇخلاش ئادىتى بولغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ قېرىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاستىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر