باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى لياۋ يۇڭيۈەنگە 1- سوتتا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

2017.01.20 11:35   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى لياۋ يۇڭيۈەنگە 1- سوتتا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:19- يانۋار، شەندۇڭ ئۆلكىسى دېجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى لياۋ يۇڭيۈەننىڭ پارا ئېلىش ۋە نۇرغۇن مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسى ئۈستىدە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، جاۋابكار لياۋ يۇڭيۈەننىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە 12 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى، ھەمدە بىر مىليون 500 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇلدى؛ زور مىقداردىكى مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتى بىلەن بەش يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئىجرا قىلىش قارار قىلىندى، ھەمدە بىر مىليون 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. تۇتۇپ قېلىپ ئەنگە ئېلىنغان لياۋ يۇڭيۈەننىڭ پارا ئېلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن مال-مۈلۈك ۋە مەنبەسى ئېنىق بولمىغان مال-مۈلۈكلىرى قانۇن بويىچە خەزىنىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىيازتۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاش چىڭ تۇتۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «13ـ بەش يىل»دا، ئېلىمىزدىكى 181 پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ نامى بىردەك ئۆ…
    ·2017- يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 119 نەپەر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ
    ·قىزىل راۋاقتىكى چۈش كىلاسسىك ئەسىرى2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمىتھانى بېيجىڭ ئىمتىھان قەغىزىنىڭ زۆر…
    ·2017-يىلى ئەتىيازلىق ماتېرىياللاردا 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش ئۇقۇمى ئومۇميۈزلۈك …
    ·جاڭ جىڭزې مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولدى
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزىلىرىدا مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى يەسلىگە كىرىش يېشىغا توش…
    ·«مەدەنىيەتلىك جۇڭگو - سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ» سەنئەت ئۆمىكى ئۆزبېكىستاندا ئويۇن قويدى(1)
    ·شىنجاڭ ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا ت…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020- يىلىدىن باشلاپ ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپلەرگە كاپ…