باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارادىكى ئەربابلار شى جىنپىڭنىڭ داۋوستا سۆزلىگەن نۇتۇقىنى ماختىدى

2017.01.19 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتقان ئەھۋالدا، رەئىس شى جىنپىڭ داۋوستا سۆزلىگەن نۇتقىدا نامايان قىلغان جاسارەت، دادىللىق، ئىشەنچ-خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىغا چوڭقۇر ئىلھام بېغىشلىدى، كىشىلەر يەر شارى ئىقتىسادىنى ئوڭشاشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان جۇڭگوغا ۋە جۇڭگونىڭ ئىدىيەسىگە بارىكاللا ئوقۇدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا، مەسىلىنىڭ ئۆزى قورقۇنچلۇق ئەمەس، بەلكى مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنەلمەسلىك، مەسىلىنى ھەل قىلىش تەپەككۇرىنى تاپالماسلىقنىڭ ئۆزى قورقۇنچلۇق ئىش دېدى. جۇڭگو-ياۋروپا سان-سىپىر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لۇ يىجى كۆپ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، ئۇ جۇڭگونىڭ مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشتىكى جاسارىتى ۋە پاراسىتىنى نۇقتىلىق ماختاپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماستىن، بەلكى مەسىلىگە يۈزلىنەلەيدۇ ھەم مەسىلىنى ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلالايدۇ. بىر بەلباغ، بىر يول ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى بۇنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىسپاتى؛ خاڭجۇ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىمۇ بۇنىڭ يەنە بىر ناھايىتى ياخشى ئىسپاتى.

  جۇڭگونىڭ قىيىنچىلىق ئالدىدىكى جاسارىتى نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۇنداق بىر يۈرۈش سانلىق مەلۇماتنى مىسال كەلتۈردى: كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو سەككىز تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋار ئىمپورت قىلىشى، 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشى شۇنداقلا چەتئەللەرگە سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 750 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا، چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلغانلار 700 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىشى مۇمكىن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار يىغىنغا قاتناشقان سىياسىي، سودا، ئىلىم، تاراتقۇ ساھەسىدىكى ئۈچ مىڭغا يېقىن ۋەكىلگە جۇڭگو ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتۈن دۇنياغىمۇ جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇڭگو ئاۋازىنى يەتكۈزدى.

  جۇڭگونىڭ ئاۋازى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ياڭراق بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ: 2016-يىلى جۇڭگو ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 70 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېشىش مىقدارى 1994-يىلىدىكى ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ. جۇڭگو دەسمايىنى ساپ چىقارغۇچى دۆلەت، دۇنيادىكى چەتئەللەردىكى مەبلەغ سالىدىغان 2-چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلىدىن باشقا تۈرلەردە چەتئەللەرگە سالغان مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55 ئېشىپ، يەر شارىدىكى 160 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەبلىغى سىرتقا ئېقىپ كېتىش بېسىمى ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ سالغان مەبلىغى يەر شارى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  جۇڭگو ئۆزىنىلا تەرەققىي قىلدۇرۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگىمۇ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. بىر بەلباغ، بىر يولنىلا مىسالغا ئالساق، 2013-يىلى بۇ مۇھىم تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ 2016-يىلى 7-ئايغىچە، جۇڭگو بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرگە 70 مىڭغا يېقىن ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى.

  جۇڭگو ئاۋازىنىڭ شۇنچە ياڭراق بولۇشى ھەرگىز يوغان گەپ ئەمەس. پۈتۈن دۇنيا جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە سۈپىتىدە يەر شارىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتە. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى شىۋاب مۇنداق دېدى: يەرشارىلاشتۇرۇشقا قارشى غۇلغۇلا ۋە قورۇقچىلىق يۈزلىنىشى باش كۆتۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئالىدىغان يەر شارىنىڭ يېتەكچى ۋەكىلى بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم؛ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى سىتىفىن روچ گەپنىڭ تېخىمۇ ئوچۇقىنى ئېيتىپ، ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادى بولمىسا، يەر شارى ئىقتىسادى ئاللىبۇرۇن خارابلىشىشى مۇمكىن ئىدى دەپ كۆرسەتتى.

  «رەھبەرلىك كۈچى-ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش»-بۇ قېتىمقى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى بولدى. جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇڭگو ئاۋازى دەل مۇشۇ رەھبەرلىك كۈچىنىڭ كۈچلۈك ئىزاھاتى. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ بۇندىن بۇرۇن ئېيتقاندەك، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ، دۇنياغا قوشىدىغان تۆھپىسىمۇ چوقۇم بارغانسېرى زور بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر