- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا 2016- يىلى چېگرادىن چىقىرىلغان-كىرگۈزۈلگەن لاياقەتسىز مالنىڭ قىممىتى ئىككى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى
2017.01.19 14:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ پرىيۇم كارانتىن ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىلى شىنجاڭ چېگرادىن چىقىرىلغان-كىرگۈزۈلگەن لاياقەتسىز مالدىن جەمئىي 5061 تۈركۈمنى تەكشۈرۈپ چىققان بولۇپ، مال قىممىتى ئىككى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان.
بۇنىڭ ئىچىدە، چېگرادىن چىقىرىلغان لاياقەتسىز مال 45 تۈركۈم بولۇپ، مال قىممىتى ئىككى مىليون 662 مىڭ 200 ئامېرىكا دوللىرى، چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن لاياقەتسىز مال 5016 تۈركۈم بولۇپ، مال قىممىتى 198 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، شىنجاڭ يەنە ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنغان لاياقەتسىز خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇمدىن 24 تۈركۈم، چېگرادىن كىرىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇمدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق، زىيانداش جانلىقتىن 258 خىلنى تەكشۈرۈپ چىققان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر