باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى يېڭىچە سانائەتلىشىشتە «شىنجاڭچە ئۈنۈم»، «كۈسەنچە سۈرئەت»نى ئىشقا ئاشۇردى

2017.01.18 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز راھىلە توختى خەۋىرى) كۇچا ناھىيەسى سانائەت كارخانىلىرىنى يۆلەش، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يۈكسەلدۈرۈش، كارخانىلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قۇيۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشتە «شىنجاڭچە ئۈنۈم»، «كۈسەنچە سۈرئەت»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  كۇچا ناھىيەسى بايلىق ئەۋزەللىكى، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، قاتناش تىرانسپورت، ئۇچۇر ۋە ئەنئەنىۋى سانائەت كەسىپلىرى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ كارخانىلارنى كۇچاغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ بىلەن سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش، زامانىۋلىشىش، تۈرلەر تولۇق بۇلۇش، ئۆز ئارا ماسلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سۈپەت، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇلتۇر نۇقتىلىق كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ياراتقان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 18 مىليارد 764 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %32.87 ئېشىپ، سىجىل ئېشىش ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر